Uyghur主要词典
مۇھەممەد بىننى ھەسەن شەيبانى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(749 - 058)فەفىھ. ئەرەب شيبان قەبىلىسىدىكى مەۋالىلاردىن. ۋاسىتتا دۇنياغا كېلىپ، كۇفەدە چوڭ بولدى. 14 يېشىدا ئەبۇ ھەنىفەدىن فىقھە ئۆگەندى. 20 يېشىدا كۇفەدە دەرس ئۆتۈشكە باشلىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىلمىي جەھەتتىكى داڭقى ئەبۇ يۈسۈف بىلەن تەڭلەشتى. ئەبۇ يۈسۈف بىلەن بىللە ھەنەفىيە مەزھىپىگە ئاساس سالدى. 792 - يىلى خەلىپە ھارۇن رەشىدنىڭ فىقھە مەسلىھەتچىسى بولدى. 796 - يىلدىن 803 - يىلغىچە بىر كىچىك يۇرتقا قازى قىلىپ تەيىنلەندى. 805 - يىلى خۇراسانغا قازى قىلىندى. شۇ يىلى رەيندە ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ زات ھاياتىدا فىقھەگە دائىر نۇرغۇن ئەسەرلەر يازدى.