Uyghur主要词典
مۇھەببەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆيگۈ، ئىشىق:
يېقىنلىق، دوستلۇق:
1. مەرھەبا ئەيلەپ كۈلۈپ ئۆتتى يېنىمدىن ئول پەرى،
ھەم مۇھەببەتنىڭ مەيىدىن ئول زەمان قىلدۇردى نۇش.
بىلال نازىم.
2. نېكى مەن دېدىم مۇھەببەتدىن ئىدى،
بارچە ئىخلاسۇ مۇۋەددەتدىن ئىدى.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭقۇر خاھىش، مەيل، ئىشتىياق.
<قولۇشتۇق> لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
<كۆيۈك> ئەر - ئايال ئارىسىدىكى <ئىشق - مۇھەببەت>.
ئىشقى يوق ئېشەك، دەردى يوق كېسەك. ئىشقى يوق ياردىن ئىسسىق ئوچاق ياخشى. مۇھەببەت چىراي تاللىماس. گۈزەللىك تويدا كېرەك، مۇھەببەت كۈندە. مۇھەببەت گۈزەل پەزىلەتنىڭ سىناق تېشى. سۆيگۈدە ئاچچىق ئىزا يوق. ۋەھىمە ئۇيقۇڭنى قاچۇرىدۇ، كۆيۈك رەڭگىڭنى سارغايتىدۇ. كۆيۈك ئوتى ئالدىدا دوزاخ ئوتى ئوچقۇنچە يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چوڭقۇر سۆيگۈ ھېسى، بەك ياخشى كۆرۈش.
نەپرەت، غەزەپ - نەپرەت
قاتتىق يىرگىنىش ھېسى، بەك يامان كۆرۈش.
مۇھەببەتنىڭ بەدىلى مۇھەببەت. نەپرەت سۆزدىن بىلىنەر، مۇھەببەت كۆزدىن. زاھىدغا سەللىنىڭ نېمە كېرىكى، مۇھەببەتكە دەللىنىڭ نېمە كېرىكى. دوستقا مۇھەببەت، دۈشمەنگە نەپرەت. مۇھەببەت بىلەن نەپرەت بىر تۇغقان ئەمەس، لېكىن بۇلارنى ئايرىماق تەس. كىم مېھىر كۆرسەتسە يىرتقۇچ بۆرىگە، ئازابلىق دەرد قوشتى قوينىڭ دەردىگە. مېھىر - مۇھەببىتى چىڭ بولسا، غەزەپ - نەپرىتى قاتتىق بولار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر كىشىگە، بىرەر نەرسە ياكى ئىشقا بېرىلىش، مايىللىق تۇيغۇسى؛ سۆيگۈ، ئىشق، مېھىر.
مۇھەببەت باغلىماق.
مۇھەببەتنى سېتىۋالغىلى بولماس (ماقال).
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مۇھەببەتخان، مۇھەببەتقىز
سۆيگۈ