Chinese→Uyghur主要词典
穆罕默德.杜尔
دۇنيا تارىخى
مۇھەممەد تۇرې
(؟ - 1538) سونگاي پادىشاھلىقى ئاسكىيە خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى (1493 - 1528). مالىنكىلىق. سوننى ئەلىنىڭ ۋەزىرى بولغان 1493-يىلى سوننى بانۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاسكىيە خاندانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ ئاسكىيە مۇھەممەد Ⅰ دەپ ئاتالغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، پىيادە ئەسكەر ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى تەشكىل قىلغان، پۈتۈن مەملىكەتنى ئون ئۆلكە قىلىپ ئايرىپ، ئۆلكە نازارەتچىسىنى تەيىنلىگەن، باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، يەر ئىجارىسىگە ماددىي بۇيۇم ئالغان، يېزا ئىگىلىكىنى ئىسلاھ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىلە ئۆز زېمىنىنى داۋاملىق كېڭەيتكەن. 1528-يىلى چوڭ ئوغلى تەرىپىدىن بىكارق ىلىنغان. 1531-يىلى سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن گائۇ دېگەن يەردە ئۆلگەن.