Uyghur主要词典
مۇھاكىمە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە
پىكىر يۈرگۈزۈش، مۇلاھىزە قىلىش؛ بىرەر خۇلاسىگە كېلىش يۈزىسىدىن كۆپچىلىك بىلەن پىكىرلىشىش. مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پىكىر يۈرگۈزمەك، ھۆكۈم يۈرۈتمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر مەسىلە ئۈستىدە پىكىرلىشىش ياكى مۇنازىرلىشىش.
ئوخشاش بولمىغان قاراشلار سەمىمىي مۇزاكىرە ئارقىلىق ھەل بولىدۇ. مۇھاكىمە مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرەر. ھەر قانداق ئىشتا مۇلاھىزە كېرەك. مۇلاھىزە مەسىلىنىڭ ھەقىقىتى، خاراكتېرى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر خۇلاسىگە كېلىش ئۈچۈن كۆپچىلىك بىلەن پىكىرلىشىش، ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىش؛ مۇزاكىرە.
مۇھاكىمە ئۇزاق ۋە قىزغىن بولدى.
پىكىر يۈرگۈزۈش، مۇلاھىزە؛ پىكىر.
مۇھاكىمە يۈرگۈزمەك.
قوشۇماڭنى تۈرۈپسەن گۈلقىز، مۇھاكىمە قىلغاندا كەچتە. خۇشاللىقىڭ ئايان كۆزۈڭدە، نېمىلەر كەچتى شۇ دەم پىكرىڭدە.
<لوگ> ئەقلىي خۇلاسە.