Chinese→Uyghur主要词典
木瓜
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
كۇلى بېھىسى
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك
دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى ئۇزۇن، ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى سۇس قىزىل، قېنىق قىزىل، ياكى ئاق رەڭلىك، مېۋىسى ئۇزۇن ئېللىپس شەكلىدە،
رەڭگى سېرىق، قويۇق پۇراقلىق.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
جىگەرنى تىنچلاندۇرۇش، پەينى بوشىتىش، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، ھۆللۈكنى
قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
كۇلى بېھىسى، تەسۋىقوناق، يۇمىلاق زىراۋەندە ۋە لېپەكگۈلنىڭ ھەربىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل
چىڭقىلىشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۇلى بېھىسى، ئارپىبەدىيان، زۇلفا ۋە خام زەنجىۋىلنىڭ ھەربىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر
خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش ۋە پاچاق مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۇلى بېھىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ.
يېزا ئىگىلىك
mù guā
كۇلى بىھىسىDئۇنىۋېرسال
mù guā
كۇلى بېھىسى
Dباغۋەنچىلىك
mù guā
بېھىDئورمانچىلىق
mù guā
كۇلى بېھىسىDئۆسۈملۈك
mù guā
كۇلى بېھىسىDتېببىي
mù guā
كۇلى بېھىسى (ئازغان ئائىلىسىدىكى كۇلى بېھىسىنىڭ مېۋىسى )