Uyghur主要词典
مۇغبەچە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مۇجۇسى بالا:
مەي توشۇغۇچى؛ مەئشۇقە، سۆيۈملۈك:
1. مەست ئەگەر ئولسام ئاساغە باغلابان زۇننارىنى،
قىل ئەلەم كۇيىڭ ئارا ئەيلەپ مەزار،
ئەي مۇغبەچە.
نەۋايى.
2. مۇغبەچە دىلخەستە خەت كەلگەن بۈگۈن پەيمانە تۇت،
تولدۇرۇپ پەيمانەنى ھەم بادەئى جانەنە تۇت.
بىلال نازىم.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مەي توشۇغۇچى، مەيخانا خىزمەتكارى؛ ئاتەشپەرەسنىڭ بالىسى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: مۇغبەچە دىلخەستە خەت كەلگەن بۈگۈن پەيمانە تۇت، تولدۇرۇپ پەيمانەنى ھەم بادەئى جانانە تۇت.(موللا بىلال)