Uyghur主要词典
مۇفتى سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى خۇفىيە سۈلۈكىگە مەنسۇپ تارماق بولۇپ، بۇنى قۇرغان ما شۇجىڭنىڭ <مۇفتى> دېگەن نامى بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ماشۇ جىڭ (1633 - 1722) كاڭشىنىڭ 11 - يىلى (1672) شىنىڭدا مەككىدىن كەلگەن ئابدۇ دۇنراشنى ۋە شىنجاڭدىكى ئاق تاغلىقلارنىڭ باشلىقى ئاپاق خوجىنى زىيارەت قىلىپ خۇفىيە ئەقىدىسىدىن تەلىم ئېلىپ، <مۇفتى> دەپ ئاتالغان. كېيىن، لىڭتاۋدىكى بېيشاڭنى بازا قىلىپ دىنىي تەرغىباتنى باشلىغان. ۋاپات بولغاندىن كېيىن، لىڭتاۋدىكى دۇڭگو جىلغىسىنىڭ ئاغزىغا دەپنە قىلىنىپ، گۈمبەز سېلىنغان. ئالتىنچى ئەۋلاد ئىمام ماشەنجۇڭغا كەلگەندە دىننى گۈللەندۈرۈپ، خۇيزۇلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇس قىلغانلىقىغا، چىڭ سۇلالىسىغا قاراشلىق يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىبارلىنىپ، <مۇفتى> دېگەن خەت ئويۇلۇپ ئىشىك بېشىغا ئېسىلىدىغان تاختا بېرىلىپ، خېخۇاڭ ئەتراپىدىكى جامائەتنى باشقۇرۇش بۇيرۇلۇپ، خېخۇاڭ رايونىدا تەسىرگە ئىگە سۈلۈك بولۇپ قالغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى خۇيزۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسىغا قارشى قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1949 - يىلى ماشاۋ (1934 - 1974) ئن تۆتىنچى ئەۋلاد ئىمام بولغان. ئىماملىق ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قېلىپ، ئىمام بولغان ئادەم يېنىدا مىس غاڭزا ئېلىپ يۈرگەن. ھېيت - ئايەم كۈنلىرى ئىمام بىلەن باشقىلار بىللە ئولتۇرۇپ نۆۋەتلىشىپ چىلىم تارتىدۇ. شۇڭا بۇ سۈلۈك <تاماكا سۈلۈكى> مۇ دېيىلىدۇ. ئۇلار گۈمبەزنى تاۋاپ قىلىدۇ. ئىجازەت ئېلىپ نامازدن تارقىلىدۇ. بۇ سۈلۈكنىڭ ئادەملىرى گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭغا تارقالغان. لىنشادىكى كاڭلېدا ئەڭ كۆپ.