Chinese→Uyghur主要词典
穆尔古
دۇنيا تارىخى
مۇرگۇ
(1805 - 1870) رۇمىنيىلىك ئىنقىلابىي دېموكراتچى. ياسسى ۋە بوخفرېستلاrدا پەلسەپە، لوگىكا ئىلمى ۋە قانۇنشۇنالسىقنى ئوقۇتقان. ياش ۋاقتىدا كاتودور فىلاىمىرېسكۇ رەھبەرلىك قىلغان مىللىي ھەرىكەتكە قاتناشقان. 1840-يىلى مەخپىي ئىنقىلابىي جەمئىيەتكە قاتنىشىپ، ۋالاخىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ۋە دېھقانلارنى فېئوداللىق بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان. 1848 - 1849-يىلىرى رۇمىنىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بانات رايونىنىڭ ئىنقىلابىغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. رۇمىنىيىنى سىياسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئىنقىلاب مەزگىلىدە، ۋېنگرىيە مەملىكەتلىك پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، مىللەتلەرنىڭ باراۋەر بولۇشىنى رۇمىنىيە بىلەن سېنگرىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ بىرلىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، بانات ئۆلكىسىدىكى رۇمىنيىلىكلەر بىلەن مازار ئىنقىلاپچىلىرى ھەمكارلاشقان.