Uyghur主要词典
مۈڭگۈز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سىيىر، قوي - ئۆچكە، كىيىك - بۇغىلارنىڭ بېشىدىكى قاتتىق نەرسە. ئومۇمەن ئۇزۇن ۋە ئەگمەچ بولىدۇ، ئۇچى ئۇچلۇق كېلىدۇ.
<مۇز> لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە. بۇغىنى ئىنچىكە پۇتى قۇتۇلدۇرۇپ، يوغان مۈڭگۈزى تۇتۇلدۇرىدۇ. خۇدايىم ئېشەككە مۈڭگۈز بەرمىگەن، خۇدايىم ئېشەككە مۈڭگۈز بەرگەن بولسا، ئېشەك ھەممىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرەر ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
كالا، قوي، بۇغا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بېشى ئۈستىدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان قاتتىق ماددا. ئادەتتە ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم ئۇچ تەرىپى ئۇچلۇقراق كېلىدۇ.
كالا مۈڭگۈزى.
ئاۋۋال چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتەر (ماقال).* ئىت دېسەڭ قۇيرۇقى يوق، ئۆچكە دېسەڭ مۈڭگۈزى يوق (ماقال).