Uyghur←Chinese主要词典
مۇدىڭيۇڭ
دۇنيا تارىخى
莫登庸
mò dēng yōng
(؟ - 1541) ۋيېتنام مۇ سۇلالىسى (شىمالىي سۇلالە) نىڭ قۇرغۇچىسى. سەلتەنەت نامى تەيزۇ. پىياڭ (خەيفاڭ) نىڭ گۇجەي دېگەن يېرىدىن. بېلىقچى ئائىلىسىدىن كېلىپ ىچققان. ئەسلى كېيىنكى لى سۇلالىسىدە مەنسەپدار بولغان، تۆۋەن دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىقتىن خەلپەت بگلىككە كۆtۈرۈلگەن، ئەنشىنۋاڭ دەپ نام ئالغان، پەيدىنپەي چوڭ چوقۇقنى ئىگىلىگەن. 1527-يىلى لىگۇڭ خاننى تەختتىن چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزى چىققان، يىل نامىنى مىڭدې دەپ ئۆزەەرتىپ، مۇ سۇلالىسىنى قۇرغان. 1529-يىلى ئورنىنى ئوغلى دىڭيىڭغا بېرىپ، ئۆزى شاھىنشاھ بولغان. لېكىن يەنىلا ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ تۇرغان. 1533-يىلى كېيىنكى لى سۇلالىسى قەنۇبتا قايتا دۆلەت قۇرۇپ، جەنۇب سۇلالىسى دەپ ئاتالغان، شۇنىڭ بىلەن جەنۇب - شىمال قارىمۇقارشى ھالىتى شەكىللەنگەن.