Uyghur主要词典
مۇدەۋۋەنە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <خاتىرە> ياكى <تەسىرات> دېگەنلىك بولىدۇ. مالىكىيەنىڭ مۇھىم فىقھ ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 20 جىلد. ئادەتتە مالىك ئىبنى ئەنەسنىڭ شاگىرتى ۋە مالىكىيەنىڭ باش ئۇستازى ئىبنى قاسىم (؟ - 806) نىڭ ئەسىرى، دەپ ھېسابلىنىدۇ. دەسلەپ ئەسەد بىننى فۇرات (Ⅷ ئەسىردە ياشىغان ئادەم) سورىغان ھەرخىل مەسىلىلەرگە ئىبنى قاسىم مالىك ئىبنى ئەنەسنىڭ فىقھە تەشەببۇسىغا ئاساسەن جاۋاب بەرگەن. ئۇلارنى ئەسەد بىننى فۇرات خاتىرىلەپ توپلام قىلغان. كېيىن غەيرەۋان (ھازىرقى تۇنىس) نىڭ قازىسى سەھنۇن ئەبۇ سەييىد تانۇكى (؟ - 854) كۆچۈرۈپ چىققان. 840 - يىلى سەھنۇن ئەبۇ سەيىد تانۇكى ئىبنى قاسىم بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى كۆرۈپ تۈزىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئىبنى قاسىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سەييىد تانۇكى كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى قايتىدىن رەتلەپ مالىكىيەنىڭ تۈزىتىلگەن ئەسىرى قىلغان. بۇنىڭ 1905 - يىلىدىكى قاھىرە نۇسخىسى بار. مالىكىيە ئېقىمىدىكى ئۆلىمالار بۇ كىتابقا كۆپ خىل ئىزاھاتلار بەرگەن. بۇ كىتاب شىمالىي ئافرىقىدا كەڭ تارقالغان.