Uyghur←Chinese主要词典
مۇددىئانىڭ رولى
پسىخولوگىيە
动机作用
dòng jī zuò yòng
ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ ھەرىكىتى ھامان مەلۇم سەۋەب بىلەن بارلىققا كېلىدۇ، ھەمدە مۇئەييەن نىشان ياكى تەرەپكە يۆنەلگەن بولىدۇ، مۇشۇنداق ھەرىكەتنى پەيدا قىلغان، ھەم ئۇنى بىر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغۇزغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ « مۇددىئانىڭ رولى » دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئورگانىزمنىڭ ئىچكى تەرىپىدە پەيدا بولغان مۇددىئا بىلەن ھەرىكەت نىشاننىڭ يېتەكلىشىگە باغلىق. بۇ ئىككىسى ئۆز ئارا ماس كەلسە يەنى ھەرىكەتكە قوزغاپ بىر تەرەپكە يۆنەلدۈرسە، مۇددىئا رولى شەكىللىنىدۇ. مۇددىئا رولىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش ( ھەرىكەتلەندۈرۈش )، يۈزلەندۈرۈش( بىر يۆنۈلۈشكە قارىتىپ ھەرىكەتكە سېلىش ) ۋە كۈچەيتىش ( ھەرىكەتنى كۈچەيتىش ) تىن ئىبارەت ئۈچ خىل فونكىسيسى بولۇپ، ئۇمۇ سىرتتىن قوزغىتىلغان مۇددىئا رولى بىلەن ئىچتىن قوزغالغان مۇددىئا رولىغا بۆلۈنىدۇ.