Uyghur主要词典
مۇبارەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قۇتلۇق، تەۋررۈك:
بۇسە سوئالىن ئەتسەم خامۇش ئولۇركى گويا،
زەئىمدەدۇر نەئەم شۇم ئانداغى لا مۇبارەك.
تەجەللى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بەك ياخشى. تىنچ، ئامان، ئوڭۇشلۇق؛ بەختلىك؛ ياخشىلىق؛ ئەڭ ئالىي، مۇقەددەس، قۇتلۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالىي ۋە ئۇلۇغ، ئىززەتلىك ۋە قىممەتلىك.
<مۇقەددەس> ئەڭ ئالىي ۋە ئۇلۇغ نەرسىگە قارىتىلىدۇ.
<مۇبارەك> تەبرىكلەشكە ئەرزىيىدىغان نەرسىگە قارىتىلىدۇ.
<تەۋەررۇك> قەدىرلەشكە تېگىشلىك نەرسىگە قارىتىلىدۇ.
<قۇتلۇق> بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان نەرسىگە قارىتىلى
مىللىتىمىزنى سۆيۈش بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز. باي كىيسە <مۇبارەك>، گاداي كىيسە <نەدىن ئالدىڭ>. ئاتا - بوۋىمىزنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن تەۋەررۇكلىرىنى ياخشى ئاسىرايلى. بېرىدىغان قول ئالىدىغان قولدىن قۇتلۇق. ئەزىز ۋەتىنىمىزنى قوغدايلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. مۇقەددەس، ئۇلۇغ، خاسىيەتلىك.
مۇبارەك جاي. مۇبارەك زېمىن. مۇبارەك نام.
ئى. تەبرىكلەش، قۇتلۇقلاش سۆزى.
دوستۇم مۇبارەك بولسۇن، توي قىلىۋاپسەن، ئەمما ۋاقتىدا كېلەلمىدىم، ئەپۇ قىل.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
بەختلىك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
دۇئا ئالغان، ئامەتلىك، بەختلىك.