Uyghur←Chinese主要词典
مېتىس تەسلىمى
دۇنيا تارىخى
梅斯投降
méi sī tóu xiáng
1870 - 1871-يىللاردىكى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسى ئاساسىي كۈچىنىڭ پرۇسسىيىگە تەسلىم بولۇشى. 1870-يىلى 8-ئايدا ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، فرانسىيە قوشۇنى كەينى - كەينىدىن مەغلۇپ بولغان. فرانسىيە مارشالى بازاينې (1811 - 1888) قوماندانلىق قىلغان فرانسىيە ئارمىيىسى ئاساسىي كۈچى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن مېتىز قورولىغا چېكىنگەن. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ناپالېئون Ⅲ سېداندا تەسلىم بولغان. 4-كۈنى پارىژدا ئىنقىلاب بولۇپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيە ئاغدۇرۇلۇپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، جۇمھۇرىيەت جاكارلانغان. 19-كۈنى پارىژ قورشاۋغا ئېلىنغان. 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، 170 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا ئىگە بولغان بازاينې ئۇرۇش قىلمايلا تەسلىم بولغان. مېتىس تەسلىمى توغرىسىدىكى خەۋەر پارىژدا 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى قوزغىلاڭنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1873-يىلى 12-ئايدا، بازاينې سوت تەرىپىدىن ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغانلىق جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، لېكىن ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى مېكماخۇن ئۇنى 20 يىللىق قاماققا ئۆزگەرتىۋەتكەن.