Uyghur主要词典
مېتاننى ئوكسىدلىغۇچى باكتېرىيە
领域: بىئولوگىيەپەقەت مېتان ۋە ئاز ساندىكى باشقا بىر كاربونلۇق، بىرىكمىلەر (تەركىبىدە C - C بېغى بولمىغان بىرىكمىلەر) نى بىردىنبىر كاربون مەنبەسى ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىدىغان باكتېرىيىلەر تۈركۈمى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى گرام مەنپىي خۇسۇسىيەتلىك بولۇپ، مەخسۇس ئوكسىگېن خالايدۇ. تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن شارسىمان، تاياقسىمان ۋە يايسىمان قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەردە بولىدۇ، بەزىلىرى سىرتتا ئۆسىدىغان سپورا ھاسىل قىلىدۇ، بەزىلىرى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىگە ئوخشاش سپورا خالتا تۈزۈلۈشىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئېلېكترونلۇق، مىكروسكوپ ئارقىلىق كۆزەتكەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە مۇرەككەپ ئىچكى پەردە سىستېمىسى بولىدۇ. تۇپراق ۋە سۇغا كەڭ تارقىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。