Uyghur←Chinese主要词典
مىسىر ئېروگېلېفى
دۇنيا تارىخى
埃及象形文字
āi jí xiàng xíng wén zì
قەدىمكى مىسىرلىقلار ئىجاد قىلغان يېزىق، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى يېزىقلىرىنىڭ بىرى. تەخمىنەن مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان. دەسلەپ ئوخشىتىش شەكلىدىكى سۈرەت بولغان. مەسىلەن، Θ = كۈن، = سۇ، = نومۇس (شتات) ۋە باشقىلار. كېيىن مەنىنى ۋە ئاھاڭنى بىلدۈرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. يەككە ئاھاڭ بەلگىسى جەمئىي 24، يېزىق شەكلىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا سۇلالىلىق دەۋرىگە كەلگەندە، ئەڭ دەسلەپكى تەسۋىرىي يېزىقتىن بىر خىل كاھىنلار يېزىقى پەيدا بولغان، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردە يەنە پۇقرالار يېزىقى مەيدانغا كەلگەن. ئېروگېلىف ئاساسەن كاھىنلار ئىشلىتىدىغان يېزىق بولۇپ، كۆپىنچە دىنىي ئابىدىلەرگە ئىشلىتىلگەن. راھىبلار يېزىقى ۋە پۇقرالار يېزىقى مۇرەككەپ سۈرەت بولماستىن، بىرقەدەر ئاددىي بەلگە بولۇپ شەكىللەنگەن؛ تۈرلۈك بەلگىلەردىن سۆز ھاسىل قىلىنغان، ئۇ جەمئىي 600 دىن ئارتۇق بولۇپ، تولىسى پاپروس قەغەزگە يېزىلغان. قەدىمكى مىسىر يېزىقى تەسۋىرىي شەىل، مەنىنى بىلدۈرۈشتىن ئېلېپبەلىك يېزىققا قاراپ تەرەققىي قىلغان. لېكىن ھەقىقىي ئېلېپبەلىك يېزىق ھاسىل بولمىغان، فىنىكلار ئاساسەن مىسىرنىڭ 24 تەسۋىرىي شەكىللىك ئاھاڭ بەلگىسى ئاساسىدا، سېمىت تىلىنىڭ 22 ھەرىپىنى ئىجاد قىلغان؛ بۇ كېيىن يۇنان يېزىقى، لاتىن يېزىقى، ئارامى يېزىقى قاتارلىق يېزىقلار سىستېمىسىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان.