Uyghur主要词典
مىسىر ئېفىئوپىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
1875 - 1876-يىللىرى مىسىر بىلەن ئېفىئوپىيە ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇش. 19 - ئەسىردە مىسىر ئىسمائىلنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قوشنا دۆلەتلەرگە قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. 1875-يىلى، ئەنگلاىيىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن، تۆت يولدىن ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلغان، ئاساسىي كۈچى ماسساۋا ۋە كېرىن (ھەر ئىككىسى ئېفىئوپىيىدە) دىن جەنۇبقا قاراپ ماڭغان، يەنە ئىككى قوشۇنى تادجۇرا (جىيۇتىدا) بىلەن زېئىلا (سۇمالىدا) دىن غەربكە يۈرۈش قىلىپ، 9-ئايدا خارانى ئىشغال قىلىۋالغنا. 11-ئايدا ئىككى تەرەپ گۇندېتتا ئۇچراشقان، مىسىرنىڭ ئاساسىي قوشۇنى مەغلۇپ بولغان. ياندۇرقى 3-ئاينىڭ 7، 9-كۈنلىرى گۇرېدىكى ھەل قىلغۇچى جەڭدە، مىسىر قوشۇنى يەنە بىر مەغلۇپ بولغان. 6-ئايدا ئىككى تەرەپ سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان. مىسىر ئېفىئوپىيىنىڭ ماسساۋا پورتىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە شىمالدىكى بوگېس رايونىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان.