Uyghur←Chinese主要词典
مىسقەۋىي
تارىخ
米斯开韦
mǐ sī kāi wéi
دۇنيا تارىخى
米斯开韦
mǐ sī kāi wéi
(؟ - 1030) ئەرەب تارىخشۇناسى. پېرسىيىلىك. بۇيى خاندانلىقى ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ <مىللەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرى> ناملىق دۇنيا ئومۇمىي تارىخى ئەسىرى بولۇپ، مىلادى 980-يىلغىچە بولغا نۋەقەلەرنى بايان قىلغان. مەزكۇر ئەسەر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ زور مىقداردىكى يازما ھۆججەتلىرى قاتارلىق بىرىنچى قول ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان ھەمدە مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلىرىغا قىلچە يوشۇرماستىن ئوچۇق - ئاشكارا ۋە خەلىس باھا بېرىش بىلەن مەشھۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پەلسەپە، مېدىتسىنا، خىمىيىنىمۇ خېلى تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېتىكا ۋە كىمياگەرچىلىك توغرىسىدا يازغان ئەسەرلىرى بار.