—参考资料
مەسنەۋى
领域: ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى(ئەرەبچە ئىككىلىك سۆزىدىن)
قاپىيىلىنىش تەرتىپىگە قاراپ شەكىللەنگەن شېئىرىي شەكىللەردىن بىرى. ھەربىر بېيىتى مۇستەقىل ھالدا ئايرىم - ئايرىم قاپىيىلىنىدىغان بەند (ئىككى مىسرادىن تۈزۈلىدىغان) شەكىل مەسنەۋى (ئىككىلىك) دەپ ئاتىلىدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىياتتا پەقەت سۇژېتلىق كىچىك شېئىرلارلا ئەمەس، بەلكى چوڭ - چوڭ دستانلارمۇ مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان. ناۋايىنىڭ «خەمسە» سىنىڭ داستانلىرى مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان. يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، نىم شېھىت، ئەلقەم ئەختەم ۋە تېيىپجان ئېلىيېۋ قاتارلىق شائىرلار مەسنەۋى شەكلىدە نۇرغۇن شېئىرلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى.
مەسىلەن، ئۇنى مۇنداق كۆرسىتىش مۇمكىن:
. . . . . . . . . . . . . . . . . . a
. . . . . . . . . . . . . . . . . . a
. . . . . . . . . . . . . . . . . b
. . . . . . . . . . . . . . . . . b
. . . . . . . . . . . . . . . . . c
. . . . . . . . . . . . . . . . .
例句
ئۇ ھېكايەتلىك مەسنەۋى يېزىشنى ئۆگەنگەن.
翻译: He learned to write narrative masnavis.
classical poetry form
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。