Uyghur主要词典
مىرزا غۇلام ئەھمەد
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1839 - 1908) ھىندىستاندىكى ئەھمەدىيەنى قۇرغان ئادەم. پەنجاپ شتاتىدىكى كادىگان بازىرىدا چوڭ پومېشچىك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ستالكوت سوت مەھكىمىسىدە كاتىپ بولغان. كېيىن دىننى تەتقىق قىلغان. 1880 - يىلى ئەھمەدىيەنىڭ ئاساسىي ئەقىدىسى قىلىنغان ئەسىرى - <ئەھمەدىيەنىڭ دەلىللىرى> ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. 1889 - يىلى ئاللانىڭ <ۋەھىي> سىگە ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزىنى ئىمام مەھدى، مىسسىيە، دۇنياغا كەلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالام، دەپ ئاتىدى. 1904 - يىلى ئۆزىنى يەنە ھىندىلار ئىخلاس قىلىدىغان خۇدالارنىڭ بىرى - كرشنەنىڭ ئۆزگەرگەن گەۋدىسى، دېدى. ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە ھىندى دىنى ئارىلاشتۇرۇلغان ئەقىدىنى تەشۋىق قىلغانلىقتىن، مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن <بىدئەت> دەپ قارالدى. ئۇرۇش ۋاسىتىسىنىڭ ئورنىغا تىنچىلىق شەكلىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەنگلىيىگە قارشى غازىتىغا قارشى تۇرۇپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى. 1908 - يىلى لاھوردا ئالەمدىن ئۆتۈپ، كادىگانغا دەپنە قىلىندى. <خۇراپاتلىقنى تۈگىتىش> ۋە <ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ پرىنسىپلىرى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.