Uyghur主要词典
مىرساد
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىسلام دىنى ئەسىرى بولۇپ، <مىرسادۇن> مۇ دېيىلىدۇ. ئەسەرنى تېھرانلىق ئەبۇ بەكرى (؟ - 1256) يازغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرى ۋۇ زۇڭچى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. ئەسەر تۆت جىلد، بەش تۈر، 40 قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ئەسەردە ئىستىقامەت، مىجەزنى تەربىيىلەش، ئاللاغا يېقىنلىشىش يوللىرى بايان قىلىنغان. ھەربىر قىسىم قۇرئان ۋە ھەدىستىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ باشلانغان. بۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىستىقامەت قىلىش، مىجەزنى تەربىيىلەشكە دائىر مەشھۇر ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەرجىمان بۇ ئەسەرنى جۇڭگودىكى مەدرىسە تىلى ۋە جۇڭگو ئالىملىرى پىششىق بىلىدىغان چۈشەنچىلەر بىلەن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلغان ھەمدە قىسقىچە ئىزاھاتلار بەرگەن. نەچچە ئەسىردىن بۇيان بۇ ئەسەرنىڭ پارسچىسى جۇڭگو مەدرىسە تەربىيىسىنىڭ دەرسلىكى قىلىنىپ كەلدى. بۇ كىتاب كاڭشىنىڭ 17 - يىلى (1678) تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، كۆپ يىل نەشر قىلىنمىدى. گۇاڭشۈينىڭ 18 - يىلى (1892) نەنجىڭدىكى جاڭ چۇڭخۇا بۇ تەرجىمىگە ئىزاھات قوشۇپ نەشر قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، نەتىجىسى بولمىدى. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى جاڭ چاڭشۈن مىق مەتبەئە نۇسخىسىنى نەشر قىلدۇردى. 1933 - يىلى تەييۈەندە بېسىلدى. ۋە بيېپىڭ چىڭخۇا كىتابخانىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلدى.