Uyghur←Chinese主要词典
مىر قاسىم
دۇنيا تارىخى
米尔.卡西姆
mǐ ěr .kǎ xī mǔ
(؟ - 1777) ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسى بېنگال ناۋابى (ھۆكۈمرانى، 1760 - 1763) مىرجافارنىڭ كۈيئوغىلى. 1760-يىلى مىرجافار خىزمىتىدىن بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئىنگلىزلارنىڭ قوللىشى بىلەن ناۋابلىققا چىققان. شۇ سەۋەبتىن ئەنگلاىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، ئەنگلىيىنىڭ بېنگال ئۆلكىسىدىكى ۋالىيسى ۋە كېڭەش ئەزالىرىغا 200 مىڭ فوند ستېرلىك ھەق بەرگەن ھەمدە بېنگال ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ مۇنبەت ئۈچ رايونى: بۇر داۋان، مىرناپور ۋە چىتتاگوڭنى كېسىپ بەرگەن. كېيىن ئىنگلىزلارنىڭ تىزگىنلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا كىرىشكەن. ياۋروپا شتاتى بويىچە قوشۇننى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن، مەركەزنى مورشىد ئاباددىن مونگرغا يۆتكەپ كەلگەن؛ ئەنگلاىيە بىلەن سودا مال ئالماشتۇرۇشنى ئازدۇر - كۆپتۇر چەكلىگەن. 1763-يىلى ئەنگلاخيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1764-يىلى 10-ئايدا بوكسار ئەتراپىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە، ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، دېھلىغا قېچىپ كەتكەن.