Uyghur←Chinese主要词典
مېروئې
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
梅罗伊
méi luó yī
دۇنيا تارىخى
梅洛埃
méi luò āi
مېروۋې دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى نوبىيىدىكى شەھرا (مىلادىدىن ئىلگىرى 590 - 350) كۇش پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. كېيىن ئاكسۇم ئەسكەرلىرى تەىپىدىن ۋايران بقىلىۋېتىلگەن. 1909-يىلى تېپىلغان. نېل دەرياسىدىكى 6-شارقىراتما بىلەن 5-شارقىتراتما ئاىرلىقىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا، ھازىرقى سۇداندىكى كابۇسىيانىڭ شىمالىغا 4.6 كىلومېىتر كېلىدىغان جايدا شەھەر رايونىدا خان ئوردىسى، ئۆي - ئىمارەت ۋە ئامون تەڭرى ئىبادەتخانىسى، شىر تەڭرىسى ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار. شەھەر كوچىلىرىنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن داشقال دۆۋىلگەن، بۇ شۇ چاغدا تۆمۈر تاۋلاش ئىشىنىڭ خېلى تەرەققىي تاپقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. تۈزلەڭلىكنىڭ شەرقىدىكى قەبرىستانلىق ھەربىرىدە يۈزدىن ئارتۇق قەبرە بولغان جەنۇب، ئوتتۇرا ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئۈچ قەبرىستانلىقتىن تەركىب تاپقان. پادىشاھلار قەبرىستانلىقىمۇ ئۈچ جايدا بولۇپ، جەنۇبتىكى قەبرىستانلىقتا 200 دىن ئارتۇق قەبرە بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال مېروئېدىكى ئاراكاكامانى شاھ دەپنە قىلىنغان ئېھرام (مىلادىدىن 003 يىل ئىلگىرىكى مەزگىل ئەتراپىدا) ۋە ئىكى شاھ، ئالتە خانىكە دەپىن قىلىنغان ئېھرام، خان جگمەتى قويۇلىدىغان ماستابا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىمالدىكى قەبرىستانلىقتا 50 نەچچە پادىشاھ ۋە خفنىكىنىڭ قەبرىسى بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلانغان. غەربتىكى قەبرىستانلىقتا خان جەمەتىنىڭ ئېھراملىرى ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قەبرىلىرىدىن 500 دىن كۆپرەكى بار. قىزىپ تېپىلغان نەرسىلەر ئىچىدە جۇڭگودا ئىشلەنگەن داڭقانمۇ بار.