Uyghur主要词典
مىردەس سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1023 - 1079) سۈرىيىنىڭ شىمالىدىكى مۇسۇلمانلار سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھەمدانىيە سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، ئەرەبلەرنىڭ كلاب قەبىلىسى باش كۆتۈردى. خەلىپە سالىھ بننى مىردەس (1023 - يىلىدىن 1029 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) 1023 - يىلى فاتىمىيەلەر قولىدىن ھەلەبنى تارتىۋېلىپ، مۇستەقىل سۇلالە قۇردى. سۇلالە قەبىلىنىڭ ھەربىي كۈچىگە تاياندى ھەمدە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ۋە فاتىمىيە بىلەن يېرىم بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىدى. ھىمال (1041 - يىلىدىن 1057 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە فاتىمىيەلەرنىڭ ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇمىنى يېڭىپ، ھەلەبنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلدى. ئاخىر سالجۇقىيلار تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىندى.