Uyghur主要词典
مىقدار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەيئىلەرنىڭ قانچىلىكىنى بىلدۈرىدىغان چۈشەنچە.
ساندا بار، ساناقتا يوق. كۆڭلۈڭدە سان بولسا، يېرىم غەلىبە قىلغىنىڭ. نادان دوستنى ساناققا قوشما. ئېدىتسىز ئىش يوق، ئىشنى بىل، ئېدىتىنى بىل. بېرىلمىگەيسەن ھەسەتكە زىنھار، ھەسەتتە يا چەك يوق، يا مىقدار. دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن. ھېسابچى توغرا بولسا، ھېساب خاتا بولماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆلچەش، ساناش مۇمكىن بولغان نەرسىلەرنىڭ ئاز - كۆپلۈكى، سانى، چامىسى.
ئىسسىقلىق مىقدارى. كۆپ مىقداردىكى سۇ.
ئۈلۈش، ھەسسە.
بىر مىقدار كىشلاتاغا ئۈچ مىقدار سۇ قوشماق.
<پەلس> شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كۆلىمى، يەنى شەيئىلەرنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى،تەرەققىيات دەرىجىس قاتارلىق جەھەتلەردىكى مىقدار پەرقلىق بولۇپ ئىپادىلىنىدىغان مۇئەييەنلىك.
<تىل>
مىقدار سۆز