Uyghur←Chinese主要词典
موئۇنتباتتېن لايىھىسى
دۇنيا تارىخى
蒙巴顿方案
méng bā dùn fāng àn
يەنە <ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىك قانۇنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تۈزگەن ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى ئايرىپ ئىدارە قىلىش لايىھىسى. 1947-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ھىندىستاننىڭ يېڭى تەيىنلەنگەن باش ۋالىيسى، گېنېرال موئۇنتباتتېن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: (1) ھىندىستان ھىندى دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ھىندىستان دۆلىتى بىلەن ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىنىڭ پاكىستان دۆلىتىگە ئايرىلىدۇ؛ ئىكى دۆلەت دومىنئونلۇق ئورنىغا ئېرىشىدۇ. (2)غەربىي شىمال چېگرا ئۆلكىسى، ئاسسام ئۆلكىسىنىڭ سىلخېت رايونىنىڭ پۇقرالىرى ئارىسىدا ھەمدە سىند ئۆلكىسىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىدا ئاۋاز بېرىش ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ ئۈچ ئۆلكە (رايون) نىڭ پاكىستانغا قاتنىشىشى ياكى ھىندىستانغا قاتنىشىشى قارار قىلىنىدۇ؛ (3) بېنگال ۋە پەنجاپ ئىككى ئۆلكىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى مۇسۇلمان پارلامېنت ئەزلىارى گۇرۇپپىسى بىلەن ھىندى دىنى مۇرىتلىرى پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنىدۇ، ھەر قايسى گۇرۇپپىلار ئۆز ئالدىغا ئاۋاز بېرىپ، ئۆز ئۆلكىسىنىڭ دىنىي ئېتىقاد بويىچە ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈش - بۆلۈنمەسلىكى ۋە بۇ قىسىملارنىڭ ئۆز ئالدىغا پاكىستانغا ياكى ھىندىستانغا قوشۇلۇشىنى قارار قىلىدۇ؛ پەقەت بىر گۇرۇپپا قۇۋۋەتلىسىلا، بۆلۈپ ئىدارە قىلىش يولغا قويۇلىۇد؛ (4) ھەر قايسى يەرلىك شتاتلار خالىغان بىر دومىنىئونغا قاتنىشىشنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر قاتناشمىسا، ئەنگلىيە بىلەن بولغان ئەسلىدىكى مۇناسىۋىتى ساقلاپ قېلىنىدۇ، ئەمما دومىنىئونلۇق ئورنى بولمايدۇ. بۇ لايىھە ھىندىستان خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلق كونگرېسى پارتىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1947-يىلى 7-ئايدا ئەنگلاىيە پارلامېنتى <ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىك قانۇنى> نى ماقۇللىغان. 8-ئاينىڭ 14- ۋە 15-كۈنلىرى پاكىستان، ھىندىستان دومىنىئونلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قۇرۇلۇپ، بۆلۈپ ئىدررە قىلىش رەسمىي يولغا قويۇلغان. 1950-يىلى ۋە 1956-يىلى بۇ ئىككى دومىنىئون مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.