Chinese→Uyghur主要词典
墨西哥一九一零到一九一七年革命
دۇنيا تارىخى
مېكسىكىنىڭ 1910 - 1917-يىللاردىكى ئىنقىلابى
مېكسىكا خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە، فېئوداللىققا قارشى بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى. 1910-يىلى 10-ئايدا زاپاتا ۋە ۋىللا دېھقانلارغا رەھبەرلىك قىلىىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا دىياسنىڭ ئىستىبىدات ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 10-ئايدا مادېرو (1873 - 1913) زۇڭتۇڭ بولغان. 1913-يىلى 2-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، خۇئېرتا (1854 - 1916) سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان، دېھقانلار ئارمىيىسى پايتەخت مېكسىكا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن. 1914-يىلى 7-ئايدا خۇئېرتا ھاكىمىيىتى ئاغدۇۇرپ تاشلانغان. لېكىن لىبرالىست كاررانز (1859 - 1920) دېھقانلار ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ھەمدە 1915- ۋە 1917-يىللىرى يەر قانۇنى ۋە ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلغان. لېكىن ئۇ دېھقانلارنىڭ يەر مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغان. بۇ قېتىمقى ئىنقىلاب ئامېرىكىنىڭ ئىككى قېتىملىق (1914-يىلى 4-ئاي ۋە 1916-يىلى 3-ئاي) تاجاۋۇزچىلىقىنى تارمار قىلىپ، جاھانگىرلىك ۋە ئىچكى فېئودال كۈچلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، مېكسىكىنىڭ مىللىي ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق شەرت - شارائىت يارىتىپ بەرگەن.