Chinese→Uyghur主要词典
摩享佐.达罗
دۇنيا تارىخى
موھېنجۇ - دارو
<ئۆلگەنلەر تۆپىلىكى> دېگەن مەنىدە. ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىكى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ خارابىسىنىڭ بىرى. ئورنى پاكىستاننىڭ سىند ئۆلكىسى تەۋەلىكىدە. 1922-يىلدىن ئېتىبارەن قېزىلغان بولۇپ، ھىندى دەرياسى ۋادىسىدا تا بۈگۈنگە قەدەر مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ مۇھاپىزەت شەھىرى ۋە تۆۋەن شەھەردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ۋە كۆلىمى خاراپپانىڭكىدىن كۆركەم بولۇپ، ھىندى دەرياسى ۋادىسى مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇھاپىزەت شەھىرىنىڭ تۆt ئەترپىدا مۇداپىئەلىنىدىغان مۇنارە سېلىنغان، مۇنچا، ئامبار ۋە ئىكى گۇرۇپپا بىنا قاتارلىق مۇھىم بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى بار. بىنالار ئىچىدە ئۇزۇن زال ۋە مەجلىسخانا بار بولۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى بولغان دەپ قارالماقتا. تۆۋەن شەھەردىكى ئاھالىلەر رايونلىرىدا كوچىلار رەتلىك، ئۆيلەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، ئاساسەن قىزىل خىش بىلەن سېلىنغان، بەزىلىرىگە مۇكەممەل سۇ چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان. موھېنجۇ - دارو مەدەنىيىتى برونزا قورال دەۋرىگە قەدەم قويغان. ئاھالىلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئارپا، بۇغداي، زىغىر ۋە كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىغان، چارۋىچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان، پالتا، ئورغاق، ھەرە، پىچاق، ئىلمەك، خەنجەر، يا ئوقىنىڭ ئۇچى، نەيزە ئۇچى قاتارلىق مىس ياكى برونزا جابدۇق ۋە قوراللارنى ياسىيالايدىغان بولغان. ھۈنەر سەنئىتى <زىننەت بۇيۇملىرى>، ساپالچىلىق ۋە توقۇمىچىلىقتا خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. سودىدا ئۆز رايونىدىن باشقا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلار بىلەنمۇ زىچ ئالاقە قىلغان. ئىشلەتكەن يېزىقى كۆپىنچە تامغا، ساپال ۋە مېتال ئەسۋابلار ئۈستىدە ساقلىنىپ، تېخىچە يېشىلمىگەن. موھېنجۇدارو مەدەنىيىتى تازا گۈللەنگەن چاغ - مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅡⅩⅩ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅨⅩ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا بولۇپ، ئادەتتە ئىپتىدائىي لۇپتولار ۋە ئىپتىدائىي ئاۋيۇلار ياراتقان، دەپ قارالماقتا. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگخرىكى 1750-يىلى، باشقا مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكى ياكى يەر تەۋرەش، كەلكۈن قاتارلىق باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان.