Uyghur←Chinese主要词典
موخاچ جېڭى
دۇنيا تارىخى
摩哈赤战役
mó hā chì zhàn yì
(1)تۈركىيە ۋېنگرىيىگە تاجاۋۇز قىلغان جەڭ. 1526-يىل 8-ئاينىڭ 29-كۈنى دوناي دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى موخاچ شەھىرى (بۈگۈنكى ۋىنگرىيىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى موخاچ شەھىرى )بۈگۈنكى ۋىنگرىيىنىڭ قىسمىدا( يېنىدا سۇلتان سۇلايمان Ⅰ تۈركىيىنىڭ تەخمىنەن 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى باشلاپ ۋېنگرىيە كورۇلى قوشۇمچە چېخىيە كورۇلى لۇئى Ⅱ )1516 - 1526-يىلىرى تەختتە بولغان( باشچىلىقىدىكى تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك ۋېنگرىيە چېخ بىرلەشمە قوشۇنىغا قارشى جەڭ قىلغان. نەتىجىدە تۈركىيە قوشۇنى غەلىبە قىلغان. لۇئى Ⅱ جەڭدە ئۆلگەن، ۋىنگرىيە مۇنقەرز بولغان، ئۇنىڭ دۆلەت زېمىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنۈپ: تۈركىيە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىنى بېسىۋالغان. شەرقىي قىسمى )ترانسىلۋانىيە( تۈركىيىگە بويسۇنغان، غەربىي قىسمى ھابىسبۇرگ خاندالىقىغا ئايرىپ بېرىلگەن. )2( 1867-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى موخاچ شەھىرى ئەتراپىدا بولغان جەڭ. تۈركىيە 1683-يىلى ۋېناغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن كۈچى زەئىپلىشىپ كەتكەن. 1687-يىلى. ئاۋسترىيە قوشۇنى لوررىنې كىنەزى چارلېس Ⅴ )1643 - 0169( نىڭ قوماندانلىقىدا موخاچ شەھىرىدە تۈركىيە قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. شۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ ۋېنگرىيىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئاۋسترىيە چىققان.