Uyghur主要词典
موتازىلە مەزھىپى
دۇنيا تارىخى
ئىسلام دىنىنىڭ بىر مەزھىپى بولۇپ، <بۆلگۈنچى> دېگەن مەنىدە. ۋەكىللىك شەخسلىرى ۋاسىل ئېىبنى ئاتا (699 - 749) ۋە ئامۇر ئىبنى ئۇبەيد (969 - 761). قەدىمكى يۇنان، رىمنىڭ پەلسەپىسىنىڭ تەسىرى بىلەن، تەقدىرچىلىككە ۋە ئەنئەنىچىلەرنىڭ <خۇدا بىلەن ئادەم ئوخشاش دەيدىغان تەلىماتى> غا قارشى تۇرۇپ، ئاللا ئۆzىدىن باشقا ھېچنىمىگە تەۋە ئەمەس دەپ قاراپ، ئىرادە ئەركىنلىكى ۋە ئەقىلچىلىكىنى تەشەببۇس قىلپ، ئادەمنىڭ ئەقلى بىلەن ياخشى - ياماننى ئايرىشنى تەشەببۇس قىلغان، <قۇرئان> نى باشقىلاrنىڭ ئىجادىيىتى دەپ قارىغان. ئابباس خاندانلىقىنىڭ خەلىپىسى مەمۇننىڭ قوللىشىغا ئېرىشپ، دۆلەت دىنى دەپ ئېلان قىلىنغان ھەمدە مەھكىمە شەرئىي قۇرۇپ، باشقا مەزھەبلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان. مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خەلىپە تەرىپىدىن قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىنىپ، دەھشەتلىك باستۇرۇلغان. كېيىن بارا - بارا يوقالغان.