Chinese→Uyghur主要词典
莫斯科外长会议
دۇنيا تارىخى
موسكۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىشنىڭ ئالدىن - كەينىدە سوۋېت ئىتىتپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى موسكۋادا ئۆتكۈزگەن خەلقئارا يىغىن. بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىدا (1943-يىل 10-ئاينىڭ 19 - 30-كۈنلىرى) ئاساسەن فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنى تېز ئاياغلاشتەۇرۇش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىقنى ئورنىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان، تىنچلىق ۋە ئامانلىقنى كاپالەتلەندۈرىدغان خەلقئارا تەشكىلات (ب د ت) نى تېزدىن قۇرۇش بىردەك ماقۇل كۆرۈلگەن؛ زوراۋانلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈلگەن گىتلېرچىلارنى سوراققا تارتىش ۋە جازالاش؛ ئاۋسترىيىنى گېرمانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىش، ئىتالىيىدە دېموكراتىيە تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلار جاكارلانغان (يىغىننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يەنە جۇڭگو ۋەكىلى تەلىپ قىلىنغان). يىغىن بىر ئاخباراتتىن باشقا يەنە تۆت خىتاپنامە ئېلان قىلغان. ئىككىنچى قېتىملى يىغىندا (1945-يىلى 12-ئاينىڭ 16 - 26-كۈنلىرى) ئاساسەن ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياۋروپا ۋە يىراق شەرقتىكى بەزى زور مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندا ئىتالىيە، رومىنىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە، فىنلاندىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەتكە قارىتا سۈلھ شەرتنامىسى تەييارلاش قارار قىلىنغان؛ يىراق شەرق كومىتېتى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ياپونىيىنى ئىدارە قىلىش كومىتېتى قۇرۇلغان؛ چاۋشيەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشقا ياردەملىشىپ، مۇستەقىل دېموكراتىك چاۋشيەننى يېڭىۋاشتىن قۇرۇش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىدىن تەكرىب تاپقان بىرلەشمە كومىتېت تەشكىل قىلىنغان؛ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قاتارلىق چەت دۆلەتلەرنىڭ چەت ئەل ئەسكەرلىرىنى جۇڭگودىن تېزرەك چكىندۈرۈپ چىقىش قايتا تەكىتلگەن؛ رۇمىنىيە، بۇلغارىيە ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدكى قارار ماقۇللانغان؛ ب د ت تەرىپىدىن ئاتوم ئېنېرگىيىسىنى ئىدارە قىلىش كومىتېتى تەشكىل قىلىش قاتالىقلار بەلگەنگەن.