Chinese→Uyghur主要词典
摩萨台
دۇنيا تارىخى
موسسادېگ
(1880 - 1967) ئىراننىڭ باش ۋەزىرى (1951 - 1953). ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. فرانسىيە ۋە شۋېتسارىيىدە ئوقۇپ، قانۇنشۇناسلىق بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1921 - 1923-يىللىرى ئەدلىيە ۋەزىرى، مالىيە ۋەزىرى، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1949-يىلى مىللىي فرونت قۇرۇپ، ئىستىبداتلىققا قارشى تۇۇرپ، نېفىتنى دۆلەتنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلغان. 1951-يىلى باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىن نېفىتنى دۆلەتنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشنى جاكارلىغان (<ئىراننىڭ نېفىتنى دۆلەتنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش ھەرىكىتى> گە قاراڭ). 1952-يىلى 7-ئايدا ئىستېپا بەرگەن، شۇ ئايدا يەنە باش ۋەزىر قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. ئىككىنچى يىلى ھەربىيلەرسىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1956-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىزچىل نەزەربەند قىلىنغان.