Uyghur主要词典
مورگان
مەشھۇر شەخسلەر
جانلىقلار دۇنياسىدا، ئەركەك - چىشى جىنستىكىلەرنىڭ جىنسىي پەرقىدىن باشقا، يەنە باشقا روشەن پەرقلەر بار. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟ ئامېرىكىلىق ئالىم توماس مورگان (1866 −1945 )، تەتقـىـقـات ئارقىلىق: بۇنىڭغا، ئىرسىي ئۇچۇرلارنى ئېلـىـپ يـۈرگـۈچـى گېننىڭ خروموسومدا گۇرۇپپىلار بويىچە تۇرغانلىقى سەۋەب بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ گېنېتىكىدىكى بىر قېتىملىق زور بۆسۈش ئىدى.
مورگان ئامېرىكىنىڭ كېنتۇككى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكـۈزۈپ، خـۇپـىگىنس ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئەمەلىيـەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە سەزگۈر كۆزىتىش كۈچىگە ئىگە ئالىم بولۇپ، ئۆمۈر بويى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدەنگەن، ئۇ دۇنيا بويىچە، مېۋە چىۋىنىنى گېنېتىكا جەھەتتىن تەتقىق قىلىپ داڭق قازانغان.1910
- يىلى، مورگان ئۆزىنىڭ ئۆستۈرۈش قاچىسىدا بىـر ئەركەك مـېـۋە چىۋىنىنىڭ ئاق كۆزى بارلىقىنى بايقايدۇ، ھالبۇكى، ئادەتتىكى مېۋە چىۋىنلىـرىنىڭ كۆزى قىزىل ئىدى. مورگان بۇ غەلىتە ئەھۋالغا دىققەت قىلىـپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزىتىشنى قارار قىلىدۇ. مـورگـان بـۇ ئالاھىدە مېۋە چىۋىنى بىلەن ئادەتتىكى مېۋە چىۋىنلىرىنى چېتىـشـتـۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى (1F) نىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزى قىزىل ئىكەنلىكىنى بـايقايدۇ؛ ئۇ يەنە1 F ئەۋلادتىكىلەرنى چېتىشتـۇرۇپ2 F ئەۋلادقا ئېـرىـشـىـدۇ،2 F ئەۋلادتا كۆزى قىزىل مېۋە چىۋىنلىرىمۇ، كۆزى ئاق مېۋە چىۋىنلىرىمـۇ بـولـىدۇ، ھالبۇكى، چىشى چىۋىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزى قىزىل، ئەركەك چـىۋىنلەرنىڭ يېرىمىنىڭ كۆزى قىزىل بولىدۇ. مـورگـان يۇقىرىقى ھادىسىنى كـۆزى ئاق بولۇش گېنى X خروموسومغىلا جايلاشقان، Y خروموسومدا مۇناسىپ تەڭشەش گېنى يوق دەپ قىياس قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ. مورگان يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مېۋە چىۋىـنىدىكى100 دىن ئارتۇق گېننىڭ ئىرسىيەت شەكلى كۆزى ئاق بولۇش بـىـلـەن ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى X خروموسومغا جايلاشقانلـىقىنى، دېمەك بىر تال خروموسوم نۇرغۇن گېنلارنى ئېلىپ يۈرىدىغانـلـىقىنى بايقايدۇ، مانا بۇ گېنېتىكىدىكى باغلىنىش ھادىـسـىـسـىدۇر. مورگاننىڭ بۇ بايقىشى خروموسوم بىلەن گېننىڭ مۇناسىۋىتى ۋە پەرقـىـنـى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، خروموسوم ئىرسىيەت نەزەرىيىسىنى بـەرپـا قـىـلـىـپ، گېنېتىكا تەتقىقاتىدا يېڭى بەت ئاچتى. مورگان مۇشۇ خىزمىتى سەۋەبىدىن،1933 - يىللىق نوبېل مېدىتسىنا ۋە بىئولوگىيە مۇكاپاتىغـا ئېرىشتى.
دۇنيا تارىخى
(1) لېۋىس ھېنرىي مورگان (1818 - 1881) ئامېرىكىلىق ئېتنولوگ، ئىپتىدائىي جەمئىيەت تارىخشۇناسى. نيۇ - يورك شتاتىنىڭ ئاۋرورا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1840-يىلى بىرلەشمە شۆيۈەننى پۈتتۈرگەن. 1844 - 1864-يىللىرى روچېستېردا ئادۋوكات بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ئىندىئانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش بىلەن مەشھۇر بولغان. 1847-يىلى ئىروكىزلار ئىچىدىكى سېنېكا قەبىلىسىنىڭ قارچىغا قوۋمى ئۇنى بېقىۋالغان. 1861 - 1869-يىللىرى نيۇ - يورك شتاتلىق يۇقىرى ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان. 1873-يىلى بىرلەشمە شۆيۈەنىنىڭ پەخرىي قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1875-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1879-يىلى ئامېرىكا ئىلىم - پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. <قەدىمكى جەمئىيەت> (1877) ۋە <ئىروكىزالار ئىتتىپاقى> (1851)، <ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تۇغقانچىلىق تۈزۈمى> (1869) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاققىچە ئىندىئانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ھەقىقىي تەكشۈرۈشلىرى ۋە ئىگىلىگەن كۆپلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن ئىنسانلارنىڭ نىكاھ تۈزۈمى، تۇغقانچىلىق تۈزۈمى ۋە قوۋم تۈزۈمى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان ھەمدە تۇنجى قېتىم <تىرىكچىلىك ماھارىتى> (تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى) تەرەققىياتىنى بەلگە قىلىپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنى <ۋارۋارلىق>، <ياۋايىلىق> ۋە <مەدەنىيەت> تىن ئىبارەت ئۈچدەۋرگە ئايرىغان. <قەدىمكى جەمئىيەت> تە ئاساسەن ماتېرىياسلىتىك تارىخ قاراش بىلەن ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات جەريانى بايان قىلىنىپ، باشلانغۇچ كوممۇنىزمنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، تارىخشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىيەت ساھەسىدە زور تەسىر قوزغىغان. ماركس ۋە ئېنگېلس ئۇنىڭ ئىلىم - پەن نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەرەەن. ئېنگېلس <قەدىمكى جەمئىيەت> نى ئاساس قىلىپ، <ئائىلە،خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى> (1844) نى يېزىپ چىققان، مورگاننىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ماتېرىيالىستىك تارىخ قاراشنى تاپقانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە بۇ بايقاشنى دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ، دېگەنىدى. ئۇنىڭ تۆھپىسى شۇ يەردىكى: <ئاساسىي خۇسۇسىيەت جەھەتتە يازما تارىخىمىزنىڭ بۇ تارىختىن ئىلگىرىكى ئاساسنى بايقىدى ۋە ئەسلىگە كەلتۈردى ھەمدە شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتلىرىدىن قەدىمكى يۇنان، رىم ۋە گېرمانىيە تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم، تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر تېخى يېشىپ بېرىلمىگەن سىرنى ئېچىپ تاشلايدىغان ئاچقۇچنى تاپتى> (<ماركس - ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى> 4-توم، خەلق نەشرىياتىنىڭ 1972-يىل خەنزۇچە نەشر 2-بەت). ئۇ يەنە ئىرىقچىلىققا قارشى تۇرىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان ئالىم ئىدى. ئۇ نيۇ - يورك شتاتىنىڭ روچېستېر شەھىرىدە ۋاپات بولغان. (2) توماس خونت مورگان (1866 - 1945) ئامېرىكىلىق ئېمبرۇئولوگ ۋە ئىرسىيەتشۇناس. 1890-يىلى خوپكىنىس داشۆسىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1904 - 1928-يىلىرى كولومبىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان 1928-يىلدىن باشلاپ، كالىفورنىيە سانائەت شۆيۈەنى بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان، <مۇندىل قانۇنى> ئاساسىدا گېن تەلىماتىنى ياراتقان. 1909-يىلىدىن باشلاپ، مېۋە چىۋىنىدە ئىرسىيە تەتقىقاىتنى ئېلىپ بېرىپ، خروموسوما ئىرسىيە تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىرسىيە بىرلىكى بولغان گېننىڭ خروموسومىداتىزىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن 1933-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تىببىي مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. <گېن توغرىسىدا>، <ئەمەلىي ئېمبرۇلوگىيە>، <ئېمبرۇئولوگىيە ۋە ئېۋگېنكا> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.