Uyghur←Chinese主要词典
مونتسېررات
دۇنيادىكى شەھەرلەر
蒙特塞拉特
méng tè sāi lā tè
كارايىب دېڭىزنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى لېۋارد تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان يانار تاغ، ئانتىگۇئ ئارىلى بىلەن بولغان ئارىلىقى 43 كىلومېتىر كېلىدۇ. مەيدانى 102 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 30℃، يامغۇر مىقدارى 1500 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. ئاھالىسى 12 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇنىڭ ئاساسىي قىسمىنى نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ، ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. خرىستىئان ھەم كاتولىك دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ ئارالغا 1493 - يىلى كولومبو كەلگەن. 1632 - يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، كېيىن ئىككى قېتىم فرانسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1783 - يىلى قايتا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. ھازىر ئەنگلىيىگە بىۋاسىتە قاراشلىق مۇستەملىكە بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ ئايال پادىشاھى تەيىنلىگەن باش ۋالىي بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. مونتسېررات ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ جايدا ئاشلىق، كېۋەز، تروپىك بەلباغ مېۋىلىرى، ھەرخىل كۆكتات، دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ، چارۋا بېقىلىدۇ. ئارالنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ساياھەتچىلىك كىرىمى خەلق ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 15% نى تەشكىل قىلىدۇ. سانائىتىدە سۇلياۋ خالتا ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، ئېلېكترون سانائەت زاپچاسلىرىنى ئىشلەش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
蒙塞拉特
méng sāi lā tè