Uyghur←Chinese主要词典
مونترېئۇكس ئەھدىنامىسى
دۇنيا تارىخى
蒙特娄公约
méng tè lóu gōng yuē
قارا دېڭىزنىڭ بوغۇز تۈزۈمى توغرىسىدكى ئەھدىنامە. سوۋېت ئىتىتپاقى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈكىيە، بۇلغرىيە، گرېتسىيە، رۇمىنىيە، يۇگوسلاۋىيە، ياپونىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق 10 دۆلەت 1936-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى شۋېتسارىيىنىڭ مونترېئۇگس شەھىرىدە ئىمزالىغان، 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي مەزمۇنى تۆwەندىكىچە: ھەرقايسى ئەللەرنىڭ سودا پاراخوتلىرى دېڭىز بوغۇزىدىن ئەركىن ئۆتىدۇ؛ ئادەتتىكى چاغلاردا غەيرىي قارا دڭىز ئەللىرىنىڭ كىچىك تىپتىكى ھەربىي پارخوتلىرىنىڭ بوغۇزىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئەمما ئوخشاش بىرلا ۋاقىت ئىچىدە ئۆتىدىغان تونناژى 30 مىڭ توننىدىن، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر دۆلەتنىڭ 15 مىڭ توننىدىن ئېشىپ كېتىشكە؛ پارخوتلارنىڭ سانى توققۇزدىن، ارا دېڭىزدا توختاش ۋاقتى 21 كۈندىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. بۇ چەكلىمە قارا دېڭىز ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ؛ ئۇرۇش مەزەىلىدە، ئەگەر تۈركىيە بىتەرەپ بولسا، ئۇرۇشۇۋاتقان ئەللەرنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈشىگە بولمايدۇ؛ ئەگەر تۈركىي ئۇرۇشقا قاتناشقان بولسا، بوغۇزدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىش - قىلماسلىقنى تۈركىيىنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدۇ. بۇ بەلگىلىمە قارادېڭىز ئەللىرىگىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ؛ 1923-يىلقى <بوغۇز تۈزۈمى ئەھدىنامىسى> گە ئساسەن قۇرۇلغان <دېڭىز بوغۇزى خەلقئارا كومىتېتى> ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىدۇ؛ تۈركىيە دېڭىز بوغۇزىدا مۇداپىئە كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق. بۇ ئەھدىنامىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى 20 يىل بولىدۇ. ئىكىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تۈركىيە بۇ ئەھدىنامىنىڭ 19-ماددىسىدكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، گېرمانىيە، ئىتالىيە پاراخوتلىرىنىڭ قارا دېڭىز كىرىشىگ يول قويغان، 1942- ۋە 1943-يىللىرى گېرمانىيىنىڭ تېزسۈرئەتلىك قۇرۇقلۇققا چىققۇچى پاراخوتلىرى بوغۇزدىن قايتا - قايتا ئۆتۈپ، سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، سوۋېت ئىتىتپاقىنىڭ <پوتسىدام كېلىشىمى> نىڭ روھىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئەھدىنامىنى تۈزىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.