Uyghur←Chinese主要词典
مونروۋىيە
دۇنيادىكى شەھەرلەر
蒙罗维亚
méng luó wéi yà
لبېرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، قاتناش مەكرىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. بۇ شەھەر سان پاۋلو دەريا ئاغزىدىكى مېسورا تۇمشۇقى بىلەن بوشورود ئارىلىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 362 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، مونروۋىيە لبېرىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جفيدىكى سانائەت ئورۇنلىرى پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ 70% نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسىي سانائەتلىرىدىن نېفىت ئايرىش، كاۋچۇك، سېمونت، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. مونروۋىيە غەربىي ئافرىقىدىكى ئەركىن پورت، ئۇنىڭ پورت مەيدانى 300 گېكتار كېلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا 90 مىڭ توننىلىق ئوكيان پاراخوتلىرىدىن توققۇزى توختىيالايدۇ. بۇ پورت ئارقىلىق لبېرىيىنىڭ تۆمۈر رۇدىسى، كاۋچۇك قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەردە خەلقئارا ئايرودرومى، لبېرىيە داشۆسى، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، مۇزېيلار بار.
ئۇنىۋېرسال,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
蒙罗维亚
méng luó wéi yà