Chinese→Uyghur主要词典
墨囊
بىئولوگىيە
سىياھ خالتىسى
بوياق سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان سىياھ بەزلىرى بولغان بىر خىل خالتىسىمان تۈزۈلۈش. مولليۇسكلار تىپى باش پۇتلۇقلار سىنىپىدىكىلەردە خاس بولغان ئالاھىدىلىك، ئادەتتە ئۇنىڭ سانى بىر بولۇپ، ئىچكى ئەزاسىنىڭ يەنى قورساق تەرىپىنىڭ ئۈستى قەۋىتىگە جايلاشقان. تۆرەلمە تەنىسى دەسلەپ ئۈچەينىڭ دۈمبە تەرىپىدە ھاسىل بولغان بولۇپ، ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بىر خىل توغرا ئۈچەي سوقۇر خالتىسىدىن ئىبارەت. سىياھ خالتىسى ئۆزى قارا سىياھ بېزى بىلەن سىياھ خالتىسى بوشلۇقىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، سىياھ بېزىنىڭ ئاجرالمىلىرى سىياھ خالتىسى بوشلۇقىدا ساقلىنىدۇ. ئۇزۇن بىر سىياھ خالتا نەيىسى توغرا ئۈچەيگە پاراللېل ھالدا توغرا ئۈچەينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچىغىچە بېرىپ، ئانۇس ئارقىلىق سىرتقى غىلاپ بوشلۇقىغا ئېغىز ئاچقان. ھايۋان تېنى دۈشمىنىگە ئۇچراپ چۆچۈگەن چاغدا سىياھ خالتا بوشلۇقىدا يىغىلغان قارا سىياھ، ۋارونكىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ ئەتراپتىكى دېڭىز سۈيىنى دۇغلاشتۇرۇۋېتىپ، يوشۇرۇنىدۇ ياكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ قۇتۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا سىياھنىڭ ئۆزىمۇ زەھەرلىك بولغاچقا دۈشمىنىنى ھۇشسىلاندۇرۇۋېتەلەيدۇ. كاراكاتسىيە (سىياھ بېلىق) نىڭ سىياھ خالتىسىنى قان توختاتقۇچى دورا قىلىشقا، قارا سىياھنى بوياق ماتېرىيالى قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
mò náng
سىياھ خالتىسى