Chinese→Uyghur主要词典
摩洛哥危机
دۇنيا تارىخى
ماراكەش كرىزىسى
ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ماراكەشنى تالىشىش ئۈچۈن قوزغىغان ئىككى قېتىملىق جاھانگىرلىك ئۇرۇشى كرىزىسى. (1) گېرمانىيە كورۇلى ۋىليام Ⅱ 1905-يىلى ماراكەشنى زىيارەت قىلغاندا، ماراكەشنىڭ سۇلتانىنى <مۇستەقىل پادىشاھ>، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ماراكەشتىكى <ئورنى مۇتلەق باراۋەر بولىدۇ> دېگەن. نەتىجىدە گېرمانىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى ئىسپانىيىنىڭ ئالگېسىراس دېگەن يېرىدە <مادرىد ئەھدىنامىسى> غا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ 1880-يىللىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئەنگلىيە، روسىيە، فرانسىيىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، گېرمانىيە يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان، يىغىن ماراكەشنىڭ <مۇستەقىللىكى> نى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ ماراكەشتىكى ساقچىلارنى تىزەىنلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. (2) 1911-يىلى فرانسىيە ماراكەشنىڭ پايتەختى فېزنى بېسىۋالغان. گېرمانىيە <يىلپىز> ناملىق توپچى پاراخوتنى ئاگادىرغا ئەۋەتىپ نامايىش قىلغان. ئۇرۇش پارتلاش ھالىتىگە بېرىپ قالغان. كېيىن ئەنگلىيە ئارىلاشقانلىقتىن شۇ يىلى <فرانسىيە - گېرمانىيە شەرتنامىسى> ئىمزالانغان، گېرمانىيە ماراكەشنىڭ فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىرپا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۆلەم سۈپىتىدە فرانسىيە قارىمىقىدىكى كونگونىڭ بىر قىسمىغا ئىگە بولغان.