Uyghur←Chinese主要词典
مولودسوۋ ئىش تاشلىشى
دۇنيا تارىخى
莫洛佐夫罢工
mò luò zuǒ fū bà gōng
1885-يىلى روسىيىنىڭ ئورېخوۋو - زۇۋېۋو شەھىرىدىكى مولودسوۋ توقۇمىچىلىق فابرىكىسى ئىشىچلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى. ⅨⅩ ئەسرىنىڭ 80-يىللىرىدىكى سانائەت كرىزىسى مەزگىلىدە، فابرىكا خوجايىنى مولودسۋو كۆپ قېتىم ئىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىپ، جەرىمانىنى كۆپەيتىپ، ئىشچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى ئېغىرلاشتۇرغان. 1885-يىلى 1-ئايدا، سابىق روسىيە شىمال ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى مۇئىسېنكو (1852 -1923) پۈتۈن فبرىكىدىكى 8000 ئىشچىغا رەھبەرلىك قىلىپ ئىش تاشلاپ، جەرىمانىنى توختىتىش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان، تەخمىنەن 600 ئادەم قولغا ئېلىنغان. 33 كىشى سوراققا تارتىلغان، مۇئىسېنكو سۈرگۈن قىلىنغان. لېكىن چار پادىشاھ ئىش تاشلاشتىن چۆچۈپ، قانۇننى تەڭشەپ، جەرىمانە پۇللارنى فابرىكا ئىگىسىنىڭ چۆنتىكىگە سالماي، ئىشچىلارنىڭ ئۆز ئېھتىياجىغا ئىشلىتىش كېرەك، دەپ جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئىش تاشلاش ئىشچىلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش روھىنى نامايان قىلغان بولۇپ، روسىيىدە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.