Uyghur主要词典
موللاق ئاتماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سەكرەپ بېشىنى يەرگە، پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ پۇتىنى بېشىدىن ھالقىتىپ يەنە پۇتى بىلەن يەرگە چۈشمەك.
مەن بۇنى ئىمىر ئادىشىم بىلەن موللاق ئېتىپ ئوينىغان قۇمدىن تېپىۋالدىم.
ئۇ تېرەكتىن موللاق ئېتىپ چۈشۈپ، يانپىشىنى سۇندۇرۇۋالغان.
كۆچمە. بېشى يەرگە، پۇتى ئاسمانغا بولۇپ يىقىلماق.
ئۇ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىغا مەھكەم يېپىشۋالغانلىقتىن سۇغا موللاق ئېتىشتىن ساقلىنىپ قالدى.
كۆچمە. ھوقۇقىدىن، مەنسىپىدىن ئايرىلىپ قالماق؛ ئاغدۇرۇلماق.
بېيجىڭ خانى ئاللىقاچان موللاق ئاتتى.