Uyghur←Chinese主要词典
مولېكۇلا ئېمبرىئولوگىيىسى
بىئولوگىيە
分子胚胎学
fēnzǐpēitāixué
ھەر خىل تىپتىكى ھۈجەيرىلەرنى تۈزگۈچى بىئولوگىيىلىك چوڭ مولېكۇلا (نوكلېئىك كىسلاتا ۋە ئاقسىل) لارنىڭ تۆرەلمە يېتىلىش جەريانىدىكى رولىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ھازىرقى زامان بىئولوگىيىسىنىڭ نۇقتىئىنەزەرى بويىچە قارىغاندا، تۆرەلمىنىڭ دېففېرېنسىيىلىنىش مەسىلىسى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئاقسىللارنىڭ تۆرەلمە يېتىلىش جەريانىدىكى بىرىكتۈرۈش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا، مولېكۇلا ئېمبىرىئولوگىيىسىنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسى، ئۇ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايوندا ياكى قايسى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن يېتىلىش مەزگىلىدە قانداق بىرىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت.