Chinese→Uyghur主要词典
莫雷洛斯
دۇنيا تارىخى
مورېلوس
(1765 - 1815) مېكسىكىنىڭ مىللىي قەھرىمانى. 1810 - 1815-يىللاردىكى مۇستەقىللىك ئۇرۇشى يولباشچىلىرىنىڭ بىرى. نامرات ياغاچچى ئائىلىسىدە كېلىپ چىققان. ياللانما ئىشچى، ئات باقار، يېزا پوپى بولغان. 1810-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. 1811-يىلى ھىدالگو قۇربان بولغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدىكى زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئازاد قىلغان. 1813-يىلى 9-ئايدا، چىلپانسىنگو شەھىرىدە چاقىرىلغان مېكسىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنىدا باش قوماندانلىققا سايلانغان، 1814-يىلدىكى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان جۇمھۇرىيەت قۇرۇش، ئىرقى باراۋەرلىك، چېركاۋنى ۋەھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئىمتىيازىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1813-يىلى 11-ئايدا، ۋاللادولىد، ھازىرقى مورېلىيەدا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، كېيىن ئىچكى زىددىيەتلەر تۈپەيلىدىن، كەينى - كەينىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، 1815-يىلى 11-ئايدا ئەسىرەە چۈشۈپ 12 ـ ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
mò léi luò sī
مورېلوس