English→Uyghur主要词典
Moldova
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
The Republic of Moldowa
مولدوۋا
مىللەت نامىدىن پەيدا بولغان
مولداۋىينىڭ تولۇق نامى <مولداۋىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، دۆلەت نامى مىللەت نامى Moldavians تىن پەيدا بولغان. بۇ نام ئېھتىمال molid (قارىغاي) سۆزىدىن كەلگەن بولسا كېرەك ياكى سلاۋيان تىلىدىكى mol (ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىدا بولسا mel مەنىسى قارا تۇپراق) سۆزىدىن كەلگەن بولۇشىمۇ ئېھتىمال. مولداۋىيىلىكلەر مىلادى يەتتىنچى ئەسىردىن 13 - ئەسىرگىچە سېرىز قەبىلىلىرى بىلەن شەرقىي سلاۋيانلارنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى مولداۋىن ( Mo??BeH?) دەپ ئاتايدۇ، رومان تىلدا بولسا Moldova دەپ ئاتىلىدۇ. 14 - ئەسىردە ۋالاگىيە ئەتراپىدا قۇرۇلغان مولداۋىيە كېنەزلىكى ۋە مولداۋىيە دەرياسىنى بۇ مىللەتنىڭ نامىدا ئاتىغان. مولداۋىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنى تارىختا بېسسارابىيە ]بۇ نام يەرلىك ھۆكۈمران بىسسارا ( Bessara) ياكى ۋالاگىيە كېنەزلىكىدىكى بىسسارۇپ ( Basarob) سۇلالىسىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئىككىلىسى مىلادى يەتتىنچى ئەسىردە بۇ يەرنى ئىگىلىگەن سېرىزلارنىڭ ئىچىدىكى بىسسى ( Bessi) قەبىلىسىنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان[ دەپ ئاتالغان. 16 -- 18 - ئەسىرلەردە ئوسمان ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان. كېيىن بىسسارابىيە ئىلگىرى - كېيىن رۇمىنىيە، رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان. 1940 - يىلى سوۋېت ئارمىيىسى بىسسارابىيىدە تۇرغان، شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى مولداۋىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قورۇلۇپ، سوۋېتلەر ئىتتپاقىغا ئەزا بولغان. 1991 - يىلى 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مولداۋىيە جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىگە ئەزا بولغان.
مولداۋىينىڭ يەر مەيدانى 33.7 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 4 مىليون 500 مىڭ، بۇنىڭ 64%ى مولداۋانلار بولۇپ، ئوكرائىنلار 14%نى، رۇسلار 13%نى ئىگىلەيدۇ. يەنە گاگاۋۇز تۈركلىرىمۇ بار. رومان تىلى ئاساسىدىكى مولداۋان تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى كىشنېۋ.
مولدوۋانىڭ ئاتا - بوۋىلىرى رومىنىيىلىكلەرگە ئوخشاش داچىيلىكلەر بولۇپ، رومىنىيىڭ شىمالىدىن كەلگەن. 14 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەزگىللىردە مولدوۋا مىللىتى شەكىللەنگەن. 1359 - يىلى مولدوۋا كارپات تېغىنىڭ شەرقىدە بەگكىك دۆلەت قۇرۇپ، ياسىسىنى پايتەخىت قىلغان. 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئوسمان ئىمپېرىيىسى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، مولدوۋا ستىفان ھەزرەتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە دۈشمەنگە قارشى باتۇرانە كۈرەش قىلغان بولسىمۇ يەنىلا تۈركىيىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. 1812 - يىلى رۇسىيە تۈركىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، مولدوۋا زېمىنىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، رۇسىيىنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىۋالغان. پرۇت دەرياسىنى بويلاپ چېگرا ئايرىلىپ، دەريانىڭ غەربىي رومىنىيە، شەرقى مولدوۋا بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاش ھارپىسىدا سوۋېت - گېرمانىيىنىڭ مەخپىي كېلىشىمىگە ئاساسەن، بېسارابىيە قاتارلىق جايلار سوۋېت قوشۇۋېتىلگەن ھەمدە شۇ ئاساسىدا مولدوۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى بولغان. 1991 - يىلى مايدا دۆلەت نامى مولدوۋا جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن؛ شۇ يىلى سېنتەبىردە مولدوۋا جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغان. مولدوۋا دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگى رومىنىيە دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كۆك، سېرىق ۋە قىزىل رەڭلىك بايراق. بۇ ئۈچ خىل رەڭ ترانسىلۋانىيە، مولدوۋا ۋە ۋالاخىيە قاتارلىق بەگلىك دۆلەتنىڭ بايرىقىنىڭ رەڭگى بولۇپ، مولدوۋا مىللىتىگە سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت بايرىقىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا مولدوۋانىڭ دۆلەت گېربى سىزىلغان
.دۆلەت گېربى مولدوۋا بەگلىكىنىڭ پادىشاھ گېربىدۇر. بىر ئالتۇن شۇڭقارنىڭ ئاغزىدا بىر كرېسىت بولۇپ، ئوڭ قولىدا ھوقۇق ۋە ئابرۇينىڭ سىمۋولى بولغان ھاكىمىيەت ھاسىسىنى، سول قولىدا غەلبىنىڭ سىمۋولى بولغان كاۋچۇك دەرىخىنىڭ شېخىنى تۇتۇپ تۇرغان؛ شۇڭقارنىڭ كۆكسىدە بىر قالقانسىمان گېرب بولۇپ، ئۈستى ۋە ئاستى قىزىل ۋە كۆك ئىككى خىل رەڭگە ئايرىلغان. ئۈستىدىكى سېرىق كالا بېشى ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنىڭ سىمۋولىدۇر. كالا بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ئالتە بۇرجەكلىك سېرىق يۇلتۇز بولۇپ، مولدوۋانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىنى نامايەن قىلغان.