Uyghur主要词典
مۆتىۋەرلەر مەزھىپى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيىدىكى پۇرۇستانتلار ئىچىدىكى بىر مەزھەپ. ھېنرى Ⅷ دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن (1534-يىلى) ئالدى بىلەن شوتلاندىيىدە مەيدانغا كەلگەن. 17 - ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئېرلاندىيىدىكى چوڭ بۇردۇئازىيە ۋە چوڭ پومېشچىكلرنىڭ ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ، ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىكى مۇھىم دىنىي - سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇلار روھانىيلار سىنىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇرىتلار ئىچىدىن مۆتىۋەرلەر ۋە پوپلارنى تاللاپ چىقىپ، مۆتىۋەرلەر كېڭىشى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق دىنىي ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇلار پۇرىتانلار ئىچىدىكى مۆتىدىللەر بولۇپ، چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. 1640 - 1648-يىللىرى بىر مەھەل ئۇزۇن مۇددەتلىك پارلامېنتتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، كورۇل بىلەن يارىشىشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن مۇستەقىلچىلەر ئارمىيىسى تەرىپىدىن تازىلىۋېتىلگەچكە پادىشاھپەرەسلەر تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپ، قايتا تىرىلىشنى ياقلىغان. لېكىن قايتا تىرىلگەندىن كېيىن يەنىلا پادىشاھپەرسەلرنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان. 18 - ئەسىرگە كەلگەندە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. 1876-يىلى بىر مەزگىل روناق تاپقان بولسىمۇ، لېكىن مۇرىتلرىى كۆپ بولمىغان.