Chinese→Uyghur主要词典
摩尔根
دۇنيا تارىخى
مورگان
(1) لېۋىس ھېنرىي مورگان (1818 - 1881) ئامېرىكىلىق ئېتنولوگ، ئىپتىدائىي جەمئىيەت تارىخشۇناسى. نيۇ - يورك شتاتىنىڭ ئاۋرورا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1840-يىلى بىرلەشمە شۆيۈەننى پۈتتۈرگەن. 1844 - 1864-يىللىرى روچېستېردا ئادۋوكات بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ئىندىئانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش بىلەن مەشھۇر بولغان. 1847-يىلى ئىروكىزلار ئىچىدىكى سېنېكا قەبىلىسىنىڭ قارچىغا قوۋمى ئۇنى بېقىۋالغان. 1861 - 1869-يىللىرى نيۇ - يورك شتاتلىق يۇقىرى ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان. 1873-يىلى بىرلەشمە شۆيۈەنىنىڭ پەخرىي قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1875-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1879-يىلى ئامېرىكا ئىلىم - پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. <قەدىمكى جەمئىيەت> (1877) ۋە <ئىروكىزالار ئىتتىپاقى> (1851)، <ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تۇغقانچىلىق تۈزۈمى> (1869) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاققىچە ئىندىئانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ھەقىقىي تەكشۈرۈشلىرى ۋە ئىگىلىگەن كۆپلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن ئىنسانلارنىڭ نىكاھ تۈزۈمى، تۇغقانچىلىق تۈزۈمى ۋە قوۋم تۈزۈمى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان ھەمدە تۇنجى قېتىم <تىرىكچىلىك ماھارىتى> (تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى) تەرەققىياتىنى بەلگە قىلىپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنى <ۋارۋارلىق>، <ياۋايىلىق> ۋە <مەدەنىيەت> تىن ئىبارەت ئۈچدەۋرگە ئايرىغان. <قەدىمكى جەمئىيەت> تە ئاساسەن ماتېرىياسلىتىك تارىخ قاراش بىلەن ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات جەريانى بايان قىلىنىپ، باشلانغۇچ كوممۇنىزمنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، تارىخشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىيەت ساھەسىدە زور تەسىر قوزغىغان. ماركس ۋە ئېنگېلس ئۇنىڭ ئىلىم - پەن نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەرەەن. ئېنگېلس <قەدىمكى جەمئىيەت> نى ئاساس قىلىپ، <ئائىلە،خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى> (1844) نى يېزىپ چىققان، مورگاننىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ماتېرىيالىستىك تارىخ قاراشنى تاپقانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە بۇ بايقاشنى دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ، دېگەنىدى. ئۇنىڭ تۆھپىسى شۇ يەردىكى: <ئاساسىي خۇسۇسىيەت جەھەتتە يازما تارىخىمىزنىڭ بۇ تارىختىن ئىلگىرىكى ئاساسنى بايقىدى ۋە ئەسلىگە كەلتۈردى ھەمدە شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتلىرىدىن قەدىمكى يۇنان، رىم ۋە گېرمانىيە تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم، تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر تېخى يېشىپ بېرىلمىگەن سىرنى ئېچىپ تاشلايدىغان ئاچقۇچنى تاپتى> (<ماركس - ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى> 4-توم، خەلق نەشرىياتىنىڭ 1972-يىل خەنزۇچە نەشر 2-بەت). ئۇ يەنە ئىرىقچىلىققا قارشى تۇرىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان ئالىم ئىدى. ئۇ نيۇ - يورك شتاتىنىڭ روچېستېر شەھىرىدە ۋاپات بولغان. (2) توماس خونت مورگان (1866 - 1945) ئامېرىكىلىق ئېمبرۇئولوگ ۋە ئىرسىيەتشۇناس. 1890-يىلى خوپكىنىس داشۆسىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1904 - 1928-يىلىرى كولومبىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان 1928-يىلدىن باشلاپ، كالىفورنىيە سانائەت شۆيۈەنى بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان، <مۇندىل قانۇنى> ئاساسىدا گېن تەلىماتىنى ياراتقان. 1909-يىلىدىن باشلاپ، مېۋە چىۋىنىدە ئىرسىيە تەتقىقاىتنى ئېلىپ بېرىپ، خروموسوما ئىرسىيە تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىرسىيە بىرلىكى بولغان گېننىڭ خروموسومىداتىزىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن 1933-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تېببىي مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. <گېن توغرىسىدا>، <ئەمەلىي ئېمبرۇلوگىيە>، <ئېمبرۇئولوگىيە ۋە ئېۋگېنكا> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.