Chinese→Uyghur主要词典
摩尔多瓦公国
دۇنيا تارىخى
مولدوۋا كىنەزلىكى
مولداۋىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅣⅩ ئسىردىن ⅨⅩ ئەسىرگىچە بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى فېئودال كىنەزلىك. زېمىنى بۈگۈنكى رومىنىيىنىڭ مولدوۋا دېگەن يېرى ۋە بىسارابىيە (ھازىر ئوكرائىنغا تەۋە) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەدىمكى ئاھالىلىرى ئاساسەن گېتلار ۋە داشىيىلەردىن ئىبارەت. مىلادى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرى رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئاھالىلىرى پەيدىنپەي رىملاشتۇرۇلغان. Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىر رىمنىڭ ھۆكۈمرنالىقىدىن قۇتۇلغان. Ⅳ - Ⅵ ئەسىرلەردە ھونلار ۋە ئافارلار ئۇ يەرگە بېسىپ كىرگەن. ئاندىن سلاۋىيانلار يېتىپ بارغان. Ⅸ ئسىرنىڭ ئاخىرى Ⅹ ئەسىنىڭر باشلىرى تۇنجى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرى كۆپ قېتىم زېمىنى كېيىۋ روسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ⅢⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1350-يىلى يەنە ۋېنگرىيىگە تەۋە بولغان. 1359-يىلى مۇستەقىل مولدوۋا كىنەزلىكى بولۇپ قۇرۇلغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە پولشاغا بويسۇنغان. ⅤⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى تۈركىيە سۇلتانىغا بېقىنغان. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە رەسمىي قوشۇۋېتىلگەن. 1812-يىلى چار روسىيە بىسارابىيىنى يۇتۇۋالغان. 1859-يىلى ۋالاخىيە كىنەزلىكى بىلەن بىرلىشىپ بىرلەشمە كىنەزلىك بولغان. 1861-يىلى رۇمىنىيە كىنەزلىكى دەپ ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ يەنىلا تۈركىيىگە تەۋە بولغان. 1977-يىلى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۇستەقىللىك جاكارلاپ رۇمىنىيە پادىشاھلىقى بولغان.