Uyghur主要词典
مۆلچەر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەت توغرىسىدا ئالدىنئالا قىلىنغان تەخمىنىي مۇلاھىزە.
مىڭ پەرەزدىن بىر پاكىت ئەلا. «قىياس» تىن بىر نەچچىسى چىقسا، شەھەرنى بوتۇلكىغا تىققىلى بولىدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ بىلەم جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىنى يوشۇرۇشقا ھەرگىز ئۇزۇنماسلىق لازىم. ئىنتايىن يۈرەكلىك بىلەن قىياس ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق يوشۇرۇنۇشقىمۇ بولمايدۇ. مىڭ خىل مۆلچەر بىر پاكىتقا تەڭ كەلمەيدۇ. مولجال بەزىدە دەل چىقىدۇ. چامامدا بۇ ئىش ئەتە پۈتەر. تەخمىن تەختىنى غۇلىتىدۇ، ئۆزىگە ھېچگەپ كەلمەيدۇ. ئوناق ئوناققا كەلمىدى، ئارقىدىكى يەر قوناققا كەلمىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مەلۇم ئەھۋال ۋە ئىشلارنىڭ خاراكتېرى، سانى، ئۆزگىرىشى قاتارلىقلاردىكى تەخمىنىي يەكۈن، پەرەز، قىياس.
ئالدىن قىلىنغان مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، تۇردى ھۈسەينوپ، قادىر ئېلىلار بۈگۈن ئاقسۇغا قايتىپ كېلىشى كېرەك ئىدى.