Uyghur主要词典
مو
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
جۇڭگوچە يەرنىڭ يۈزىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكى. بىر مو يەر 666.7 كۋادرات مېترغا تەڭ.
بىر مو بېشىغا 200 كىلودىن بۇغداي ئالدۇق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
خەلق پۇلى - يۈەننىڭ ئېغىز تىلىدىكى كىچىك بىرلىكى. بىر يۈەننىڭ ئوندىن بىرى.
بىر مولۇق ئاپتۇبۇس بېلىتى ئۈچ موغا چىقتى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
مو - خەنزۇچە يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىلىشقا باشلىغان بولسا كېرەك. چۈنكى، مۇشۇ دەۋردىن ئىلگىرىكى يازما يادىكارلىقلاردا <مو> دېگەن يەر مەيدان ئۆلچىمى ئۇچرىمايدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ شىنجاڭدا <پاتمان>، <تاناب> <چارەك> دېگەندەك يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكلىرى قوللىنىلغان. <مو> ئانچە كۆپ قوللىنىلمىغان.
مو ئەسلىدە بازا سىستېمىسىدىكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى <جاڭ> دىن ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، قەدىمدە بىر مو 60 كۋادرات جاڭغا تەڭ ئىدى. خەلقئارا ئۆلچەم سىستېمىسىغا سېلىشتۇرغاندا، بىر مو 6.667 ئار، 0.164 ئېنگلىز موسىغا تەڭ. ئېلىمىزدە بىر مو = 10 پۇڭ = 100 لى = 666.7 كۋادرات جاڭ؛بىر ئىنگلىز موسى (ئەنگلىيىدە) 4046.849 كۋادرات مېتر؛ ئامېرىكىدا 4046.866 كۋادرات مېتر كېلىدۇ. پايونىيىنىڭ بىر موسى 30 قەدەم بولۇپ، 100 كۋادرات مېتر كېلىدۇ.
ھەجىم (سىغىم) ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
خەنزۇچە
يەرنىڭ يۈزىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكى. تەخمىنەن 666.7 كۋادرات مېتىرغا تەڭ. ئادەتتە ئۇ گېكتارنىڭ 1/15 گە توغرا كېلىدۇ.
بىر مو يەر. ئۈچ مو ئېتىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
خەنزۇچە
مەملىكىتىمىزنىڭ كونا پارچە پۇل بىرلىكى. ئۇ يۈەننىڭ ئوندىن بىرىگە يەنى ئون پۇڭغا توغرا كېلىدۇ.
ئىككى مو پۇل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
ئىنگلىزچە
فىزىكا
توك ئۆتكۈزۈش بىرلىكى. ئۇنىڭ سانلىق قىممىتى ئۆتكۈزگۈچ قارشىلىقىنىڭ ئەكس سانىغا تەڭ. مەسىلەن، بىر دانە ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى ئۈچ ئوم بولسا، ئۇنىڭ توك ئۆتكۈزۈش بىرلىكى 1/3 مو بولىدۇ.