Uyghur←Chinese主要词典
مىنۇس ئوردىسى
دۇنيا تارىخى
米诺斯王宫
mǐ nuò sī wáng gōng
كىنوسسوس ئوردىى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم خارابىلىقى. كرىت ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كنوسسوس قەدىمكى شەھىرىدە. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا بۇن چېۋەر ئۇستا دائېدالۇس (يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ھۈنەر - سەنئەت، نەققاشچىلىقنىڭ پىرى) مىنۇس شاھقا ئاتاپ سالغانىكەن؛ بۇ غەيرىي يۇنان تىلىدىكى كىرىتلار مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى ياساقشا باشلىغان بولسا كېرەك. كېيىنرەك بىر قانچە قېتىملىق ۋەيرانچىلىق ئارقىلىق مىلادىدىن 1700 يىل ئىلگىرى قايتىدىن ياسالغاندىن كېيىنك، كۆلىمى چوڭ، ھەيۋەتلىك بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىڭ ئىشىكى، 100 خانىسى بولۇپ، ئەگرى - توقاي يوللار بىلەن بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان، شۇڭا قەدىمكى يۇنانلىقلار بۇنى <سىرلىق ئوردا> دەپ ئاتىغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىنگلىز ئارخېئولوگى ئېۋانىسنىڭ بۇ خارابىلقنى قېزىپ چىققىنىغا قارىغاندا خېلىلا ھەيۋەتلىك ئۈچ قەۋەت بىنا بولۇپ، قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، ھەشىمەتلىك ئىكەنلىكى، تاملىرىدا بەزمىلەر ۋە ئاقسۆڭەك خېنىم قاتارلىقلار رەڭلىك تام سۈرەتلىرى بارلىقى مەلۇم بولدى. زور مىقداردىكى ئاسار - ئەتىقىلەر ئەينى زاماندىكى كرىت ئارىلىنىڭ سىنىپىي جەمئىيەتكە قەدەم باسقانلىقىنى، كىرىتنىڭ برونزا قوراللار دەرىنىڭ تولۇق رومان تاپقان مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.