Uyghur←Chinese主要词典
مېنىڭ كۈرەشلىرىم
دۇنيا تارىخى
我的奋
wǒ de fèn
كىتاب نامى. گېرمانىيە فاشىستلرىىنىڭ كاتتىبېشى گىتلېر يازغان. 1924-يىلى باۋارىيىنىڭ لاندىسبۇرگ كونا قەلئەسىدىكى تۈرمىدە گىتلېر سۆزلەپ بەرەەن، ھېس (1894-يىلى تۇغۇلغان) قاتارلىق كىشىلەر خفتىرىلەپ رەتلىگەن. 1926-يىلى نەشر قىلىنغان. كىتاب ئىككى توم، 27 بابقا بۆلۈنگەن. تەرجىمىھال خاراكتېرىدىكى باب - پاراگرافلىرىدىن باشقا، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، ئەدەبىيات - سەنئەت قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ توختالغان. ئەكسىيەتچىل شوۋىنىزم، قىساسچىلىق، ئىرقچىلىق تەرغىپ قىلىنغان، <مىلىي گۈللەندۈرۈش>، <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى> بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلاپ، <ھاياتلىق ماكان> نى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت شوئارلاr ئارقىلىق گېرمانىيىنى فاشىستىك دىكتاتۇرا ۋە سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىش يولىغا قاراپ مېڭىشقا قۇتراتقان. ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋېلىش، سوۋېت ئىتتىپاقىنى <ياۋروپا دۆلەتلىرى تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش>، <چىقىشىپ بولمايدىغان ئەشەددىي دۈشمەن> - فرانسىيىدىن ھېساب ئېلىش، گېرمانىيە <يەر شارىنىڭ خوجايىنى> بولۇش قاتارلىق زومىگەرلىك ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گېرمانىيىنىڭ كەلگۈسىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. كىتاب تولىمۇ ئۇزۇن، چۇۋالچاق بولۇپ، فاشىستلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ئەسەر (بۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بار) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.